خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27 - دېكابىر، سۈرىيە پايتەختى دەمەشىق كوچىسىدىكى بىر كەڭ جايدا بىر توپ ئوغۇل بالىلار پۇتبول ئوينىماقتا. سۈرىيەدىكى قوراللىق توقۇنۇش بەشىنچى يىلىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرماقتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ئۈچۈن پايتەختكە كەلگەچكە، نوپۇس جىددىي كۆپىيىپ، مائارىپ بايلىقى يىتىشمىگەنلىكتىن، نۇرغۇن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن باشلانغۇچ مەكتەپلەردە چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىنگە بۆلۈپ دەرس ئۆتۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، دەرس سائىتىنى قىسقارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ بالىلار ئاساسىي مائارىپنى قوبۇل قىلالايدىغان بولدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى