خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ماھىرە غوپۇر، ئىسھاق ئەخمەت خەۋىرى) 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ غەلبىلىك يېپىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاۋات ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ئاۋات ناھىيلىك يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىپى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دېھقانلار ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئاۋات ناھىيلىك بېشرىق بازارلىق قاشبېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپىسى بىرلىكتە بەرپا قىلغان «باقمىچىلىق ياردەم ئۈسۈملۈك قەرز پۇلى نامراتلارنى يۆلەش تۈرى» رەسمىي باشلاندى. تۇنجى قېتىملىق ئېچىلىش مۇراسىمىدا، بۇ كىچىك بازاردىكى 42 نامرات ئائىلىگە 3 مىليۇن يۈەن نامراتلارنى يۆلەش باقمىچىلىق قەرز پۇلى تارقىتىلدى.
ئىگىلىنىشىچە بۇ تۈر ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنگەن. پىلاندا بۇ بازاردىكى 200 نامرات ئائىلىگە ئومۇمىي تارقىتىلدىغان ياردەم ئۈسۈملۈك قەرز پۇل 10 مىليون يۈەن بۇلۇپ، 1000دىن ئارتۇق دېھقان نەپكە ئېرىشكەن. مەبلەغ بىر قېتىمدىلا تارقىتىلىدىكەن، قەرزنىڭ ئۆسۈمى تۆۋەن ،قەرز قايتۇرۇش مۇددىتى 3 يىل ئىكەن. بۇ خىزمەت گۇرۇپىسىدىكىلەرنىڭ «خەلققە مۇھەببەت باغلاش ، خەلقنىڭ غېمىنى يىيىش ، خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەش»تىكى بىر كىچىك ئەمەلىي مىسالىدۇر.
مەنبە: خەلق تورى