باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يېرىمدىن كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئائىلە زوراۋانلىققا ئۇچۇرىغان

2015.12.30 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:جۇڭگو ئاۋازى « كەچلىك خەۋەرلەر دولقۇنى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى « ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇن›› نى يېقىندا ئېلان قىلىندى. ئائىلە زوراۋانلىقى «ئائىلە ئىشىدىن» كەسكىن بولغان قانۇنىي مەسىلىگە ئايلاندى.

  ئائىلە زوراۋانلىقنى تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا نەنجىڭدا يۈز بەرگەن بالا خورلاش دېلوسىدىكى ئالتە ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئانا ياكى ئائىلىدىكى تالاش- تارتىشتا ئېرىدىن تاياق يېگەن ئايال كېلىشى مۇمكىن. كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار كۆپ ھاللاردا ئائىلىدىكى« ئاجىزلار توپى» دېگەن قاراش مەۋجۇت. لېكىن يىقىندا ئاشكارىلىغان بىر دېلو مىسالى بىزگە ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ كىشىلەرنىڭ تەسسەۋۇرىدىنمۇ بەكىرەك مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.بۇ دېلو مىسالىدا زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ دوكتورى شۇنداقلا بىر ئەر كىشى. ئېيتىشلارغا قارغاندا بۇ ئەر سىپايە كىشى ئىكەن. بىر قېتىم بۇ كىشى قېينىئانىسى بىلەن تاكاللىشىپ قالغان. يەنە بىر قېتىم ئايالىغا كوتۇلدىغاندا، ئايالى كىيىم ئاسقۇچ بىلەن ئۇرۇپ كەتكەن. لېكىن ئەر قارىشلىق كۆرسەتمىگەن. شۇندىن ئېتىبارەن ئايالى ئىشلار كۆڭلىگە ياقمىغاندا دائىم ئېرىنى ئۇرىدىغان بولغان. بۇ ئەھۋال يېرىم يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن ئەر ئاخرى چىدىماي شۇ جايدىكى ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئەر قىلغان. ئايالىنىڭ دېيىشىچە، ئېرىنى ئۇرغىنىغا پۇشايمان قىلغان بولسىمۇ ئادەتكە ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن تەبئىي تۇيۇلغان.

  ئەر كىشىنىڭ ئاياللار بىرلەشمىسىگە بېرىپ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىدىم دەپ ئەر قىلىشى ئاڭلىماققا يېڭىلىقتەك تۇيۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ئىجرا قىلغۇچىسىنىڭ جىنسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. بىر جامائەت پاراۋانلىقى ئاپپاراتى چىقارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، % 80 تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئائىلىدە زوراۋانلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر يېنىك بولغان تاتلاپ يارىلاندۇرۇش، تۇتۇپ جاراھەتلەندۈرۈشتىن باشقا ئاتالمىش « سوغۇق زورلۇق»مۇ بار.

  بىر تېخىمۇ ئىشەنچىلىك سانلىق مەلۇمات يەنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇلتۇرقى بىر ستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشچە: مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن % 24.7 ئائىلىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئائىلە زوراۋانلىقى مەۋجۇت ئىكەن؛ ئاياللار بىرلەشمىسى سىستېمىسى ھەر يىلى 4-5 مىڭ پارچە ئائىلەزوراۋانلىقى ئەرزنى قوبۇل قىلىدىكەن؛ % 10 غا يېقىن قەستەن قاتىللىق قىلىش دېلوسى ئائىلە زوراۋانلىققا چېتىلىدىكەن. دۆلىتىمىزدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 35 قېتىم ئائىلە زوراۋانلىقىغاا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلىدىكەن.

  مۇتەخەسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتتى: ئائىلە زوراۋانلىقىنى توسۇشنىڭ ئاچقۇچى، « بىرىنچى قېتىملىق»تا، ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا تىگىشلىك چاغدا چوقۇم ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ. جەمئىيەتتىن ياردەم سوراشتىن باشقا، ئائىلىدىكى زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىش كېرەك، ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر