باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇنلاردىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى

2015.12.31 14:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش قاتارلىق جىنايى دېلولارنى بېجىرىشتە تەتبىقلىنىدىغان قانۇنلاردىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» تۈنۈگۈن ئېلان قىلىندى، 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىكى يادرولۇق مەنزىرىگاھلار ۋە مەملىكەتلىك نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قوغداش ئورنى، ئۆلكە دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قوغداش ئورنى قىلىپ بېكىتىلمىگەن قەدىمىي مەدەنىيەت خارابىسى، قەدىمىي قەبرىلەر، قەدىمىي ئىمارەتلەر، مىڭئۆيلەر، تاش ئويمىلار، تام رەسىملىرى، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى مۇھىم تارىخىي ئىزلار ۋە ۋەكىللىك ئىمارەتلەر قاتارلىق يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «دۆلەت قوغدايدىغان مەشھۇر ئاسارە-ئەتىقە» ھېسابلىنىشى كېرەك. دۆلەت قوغدايدىغان مەشھۇر ئاسارە-ئەتىقىلەرگە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مەشھۇر ئاسارە-ئەتىقىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇۋەتكەن ياكى يوق قىلىۋەتكەنلەر؛ كۆپ قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ياكى كۆپ جايدىكى مەشھۇر ئاسارە-ئەتىقىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار قىلمىشى ئېغىر ھېسابلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى چىقارغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىش مەمۇرىي قارارى ياكى بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار ئېغىرلىتىپ جازالىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر