باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئاكسىيا سۇپىسى بازىرىدا ھېساب ئاچقان شىركەت بەش مىڭدىن ئاشتى

2015.12.31 14:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار پېيىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش سىستېمىسى، يەنى يېڭى ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئاكسىيە سۇپىسى بازىرىدا ھېساب ئاچقان شىركەت جەمئىي بەش مىڭدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل ھېساب ئاچقان شىركەت 3400دىن ئاشىدۇ. بۇنداق تېز ئېشىشى ۋەزىيىتى جۇڭگو كاپىتال بازىرىنىڭ غايەت زور كۈچىنى نامايەن قىلىپلا قالماستىن، تېز يېتىلىۋاتقان يېڭىلىق ياراتقۇچى كارخانىلار بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلارنى بازار پايدىسىدىن بەھرىمان قىلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى يېڭى ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئاكسىيە سۇپىسى بازىرىدا يۈرۈشتۈرۈلگەن مەبلەغ سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقىنىڭ 8.88 ھەسسىسىگە تەڭ كەلگەن. تونۇشتۇرىلىشىچە، بۇ يىل يېڭى ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئاكسىيە سۇپىسى بازىرىدا بىر قېتىمدا يۈرۈشتۈرۈلگەن مەبلەغ ئوتتۇرا ھېسابتا 48 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  يېڭى ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئاكسىيە سۇپىسىنىڭ بازار ئىجازىتى بوشىتىلغاندىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچىلار ھېساب ئاچقان شىركەتلەرنى ئۆز ئالدىغا تاللاش كارخانىلارنىڭ يۈرۈشتۈرىدىغان مەبلەغقە ئېرىشىشىنى بەلگىلەيدىغان ئامىلغا ئايلانغان، شۇڭا «ئەخلەت شىركەتلەر»نىڭ يېڭى ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئاكسىيە سۇپىسىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرىشى تەسلەشكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر