باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئانىلار سۇ كۆلچىكى تۈرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ھەل بولدى

2015.12.31 14:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ئانىلار سۇ كۆلچىكىنىڭ 15 يىللىقىنى خۇلاسىلاش يىغىنى 29-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا ئانىلار سۇ كۆلچىكى تۈرىنىڭ 15 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى يەكۈنلەندى ھەم «ئانىلار سۇ كۆلچىكى پەرىشتىسى» نامىغا ئېرىشكەن 15 ئادەم، «ئانىلار سۇ كۆلچىكىنىڭ سادىق ھەمراھى» نامىغا ئېرىشكەن 15 ئورۇن مۇكاپاتلاندى. يىغىندا ئانىلار سۇ كۆلچىكى جامائەتچىللىك تۈرى ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى سىرتقا ئېلان قىلىندى، بۇ نەتىجىلەرگە قارىغاندا، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ تۈرگە 896 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە يامغۇر سۈيىنى يىغىپ، 139 مىڭ 400 كۆلچەك ياسىلىپ، 1698 ئورۇندا مەركەزلىك سۇ تەمىنات قۇرۇلۇشى قىلىنىپ، 543 يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئىچىملىك سۈيى ياخشىلانغان، ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى ئىككى مىليون 900 مىڭ نامرات ئادەمنىڭ ئىچىملىك سۇ قىيىنچىلىقى ھەل قىلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى زور تەسىرگە ئىگە جامائەتچىللىك ماركىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئانىلار سۇ كۆلچىكى تۈرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاياللار ئېغىر سۇ توشۇش ئەمگىكىدىن قۇتۇلغان، يامغۇر سۈيىنى يىغىپ ياسالغان سۇ كۆلچەكلىرىدىن نەپكە ئېرىشكەن ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سۇ ئېلىش ۋاقتى 45 يېرىم مىنۇتتىن 11.3 مىنۇتقا، مەركەزلىك سۇ تەمىنات قۇرۇلۇشىدىن ئوتتۇرىچە سۇ ئېلىش ۋاقتى 13 مىنۇتتىن 0.27 مىنۇتقا قىسقارغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر