باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇدان، مىسىر ۋە ئېفىيوپىيە دامبىنى گۈللەندۈرۈش تۈرى رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى

2015.12.31 13:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇدان، مىسىر ۋە ئېفىيوپىيە تۈنۈگۈن خارتۇمدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك گۈللىنىش دامبىسى سۆھبىتىنى ئاياغلاشتۇردى، ئۈچ تەرەپ دامبا قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار تەپسىلاتلار رامكا كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.

  بۇ يىل مارتتا، سۇدان زۇڭتۇڭى بەشىر، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى ۋە ئېفىيوپىيە زۇڭلىسى ھىل مەريەم خارتۇمدا ئېفىيوپىيەنىڭ كۆك نېل دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىدا گۈللىنىش دامبىسى ياسىشى توغرىسىدا پىرىنسىپ خىتابنامىسى ئىمزالىغان ئىدى. ئۈچ تەرەپ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك پىرىنسىپى ئاساسىدا گۈللىنىش دامبىسىدا سۇ يىغىش، نېل دەرياسى سۇ مەنبەسىنى تەقسىملەش قاتارلىق مەسىلىلەردە مەسلىھەتلىشىش ھەمكارلىشىشقا قوشۇلدى.

  2013-يىلى ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتى كۆك نېل دەرياسى بۆلىكىدە گۈللىنىش دامبىسى ياسايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، مىسىر ھۆكۈمىتى مىسىر تەۋەسىدىكى نېل دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىنىدا سۇ زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىدۇ دەپ بۇنىڭغا كۈچلۈك قارشى تۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر