باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋاننىڭ مالىيە مىنىستىرى زەھەرگە قارشى تۇرۇش بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئوخشاشلا مۇھىم، دېدى

2015.12.31 13:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋاننىڭ مالىيە مىنىستىرى خەلىل 29 -نويابىر بېيرۇتتا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى، زەھەر جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا خەۋپ پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن تېررورلۇق ئوخشاشلا خەتەرلىك، زەھەرگە زەربە بېرىش بىلەن تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئوخشاشلا مۇھىم.

  خەلىل شۇ كۈنى بېيرۇت پورتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى، لىۋان پورت تاموژنىسى يېقىندا بېيرۇت پورتىدىن مىسىرغا توشۇلىدىغان ماللار ئارىسىدىن 3 توننا زەھەرنى قولغا چۈشۈردى، بۇ لىۋان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا چۈشۈرگەن زەھەرنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بىر قېتىملىقى.

  ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، زەھەرنىڭ خەتىرى تېررورلۇقتىن قېلىشمايدۇ، چۈنكى زەھەر جەمئىيەت مۇقىملىقى ھەمدە كەڭ ئاممىنىڭ بولۇپمۇ ياشلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تۇرمۇشىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. لىۋان ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش ھەركىتىنىڭ مۇھىملىقى تېررورلۇققا زەربە بېرىش بىلەن ئوخشاش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر