باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سانجىدىكى شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش كېچىلىكى ئۆتكۈزدى

2015.12.31 13:55   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

سانجىدىكى شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش كېچىلىكى ئۆتكۈزدى

  28-دېكابىر، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئۈچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنلىغان شوخ، سەرخىل «مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئالغا ئىلگىرىلەش . يىراققا ئۇچۇش ئارزۇسىدا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ياردەم بېرىش» يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش كېچىلىكى فۇكاڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە مەركىزى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىكى قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە «مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى »نىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگىمۇ تۈس قوشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت «مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر بولۇپ، سانجى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، فۇكاڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە پەن-تېخنىكا ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. فۇكاڭ شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ، سانجى ئوبلاستلىق خۇيزۇ ئوتتۇرا مەكتىپى، سانجى شەھەرلىك 7- ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئىبارەت ئۈچ مەكتەپنىڭ شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى نومۇر ئورۇندىغان. ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل، زامانىۋى ئۇسسۇل، خۇيزۇ ئۇسسۇلى، مياۋزۇ ئۇسسۇلى، خەنزۇ ئەلئىچى ئۇسسۇلى، گۈزەللىك گىمناستىكىسى، دىراما، تۆت كىشىلىك ناخشا، خور، يالغۇز كىشىلىك ناخشا، كوللېكتىپ مۇزىكىلار... ...300 نەپەر شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىپ، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقى، شىنجاڭغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، «مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» گە مەدەت بەردى. فۇكاڭ شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇسسۇل ئۆمىكى ئورۇندىغان «گۈل ئېچىلىش پەيتى» دە گۈلنىڭ ئېچىلىش جەريانى ئۆز ئەينى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، نەق مەيداندا ئالقىش سادالىرى ياڭراپ، يىغىلىشنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، سانجى ئوبلاستى «مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى»نىڭ تارماق مۇسابىقە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش بىلەن بىرگە، تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىغا تايىنىپ، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بىر قاتار مەنىۋى مەدەنىيەت مۇراسىمى، مۇھىتنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەش، قىشلىق تەنھەرىكەت ئامىلىنىڭ ئامممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھارارىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تۈس قوشقان.ھازىرغىچە، تۈرلۈك ۋاسىتىلەردە «مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى»گە مۇناسىۋەتلىك ئەسەر 1370 پارچىدىن ئارتۇق بېسىلغان ۋە تارقىتىلغان، 180 مەيداندىن ئارتۇق تۈرلۈك تەشۋىقات مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، «مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى»نىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن قويۇق كەيپىيات يارىتىلغان.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى
      ·ئاۋات ناھىيەسىدە لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن ماۋزېدۇڭ، لۇ شۈن قاتارلىقلارنىڭ ت…
      ·ئېلىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارىغا ئۆتتى