باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىرئەلىجان كەيپىياتىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك

2015.12.31 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىرئەلىجان يەنە بىر قېتىم CBAبىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى پاراڭ ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. 27-دېكابىر شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۆز مەيدانىدا جېجياڭ چوۋجوۋ بىلەن تۇتۇشقان مۇسابىقىدە، شىرئەلىجان رېپىرنىڭ جازا ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، رېپىرغا قاراپ توۋلىدى ھەمدە ئۇدا تېخنىكىلىق قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىپ، مەيداندىن قوغلاندى. ماھىرلار ئورنىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ شىرئەلىجان يەنىلا غەزىپىنى باسالماي، يىراقتىن رېپىرنى تىللىدى. باش تېرىنېر لى چيۇپىڭنىڭ توسۇشى بىلەن، غەزىپى تېشىپ تۇرغان شىرئەلىجان كەيپى ئۇچقان ھالدا توپ مەيدانىدىن ئايرىلدى.

  بۇ شىرئەلىجاننىڭ توپ مەيدانىدا تۇنجى قېتىم كەيپىياتىنى كونترول قىلالماي قېلىشى ئەمەس. 2013- 2014- مۇسابىقە پەسلىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بەشىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچكە قارشى بىر نەتىجىدە ئارقىدا قالغان ئەھۋالدا، مېھمان مەيداندا بېيجىڭ پايتەخت پولات-تۆمۈر كوماندىسىنى يەڭدى. ھاياجانلانغان شىرئەلىجان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا ساھىبخان كوماندىنىڭ توپ مەستانىلىرىغا «كۈنلۈك تۇتقان» ھەرىكەتنى چىقاردى ھەمدە ئىنتايىن، بىمەنە بولغان چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قالدى.

  2014-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ مېھمان مەيداندا شەنشى بىلەن تۇتۇشتى، سەپلىمە ماھىرلار ئورنىدىكى شىرئەلىجان قولىدا يۈزىنى تىرەپ تۇرۇپ، شەنشى كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ماھىرى ۋافېرغا قارىتىپ، ئوتتۇرا بارمىقىنى چىقاردى، بۇ ھەرىكىتى بەش سېكۇنت داۋاملاشتى. شىرئەلىجاننىڭ بۇ مەدەنىيەتسىز قىلمىشىنى تاراتقۇلار ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، بىرلەشمە مۇسابىقىگە ئىنتايىن ئېغىر تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۆزىمۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەنقىدلىنىپ، بىر مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەندى.

  بىراق شىرئەلىجان تېخىچە ساۋاق ئالمىدى. بۇ پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ 9-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئۆز مەيدانىدا لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى. بەلكىم مۇسابىقىنىڭ بەكلا جىددىي بولغانلىقىدىنمىكىن، شىرئەلىجان يەنە بىر قېتىم ئۆز كەيپىياتىنى كونترول قىلالمىدى. ئۈچ نومۇرلۇق بىر توپى كىرگەندىن كېيىن، ئۇ لياۋنىڭ كوماندىسىدىكى چەتئەللىك ماھىر، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى سەپدېشى خادسونغا ھۆركىرەپ كۈچ كۆرسەتتى، بۇ خىل تېخنىكىلىق قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى رېپىر ۋە ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلدى، پەقەت «ماھىرلارغا بولغان باشقۇرۇش ۋە تەربىيە كۈچەيتىلىپ، ساۋاق ئېلىنسۇن» دېگەن بىر جۈملە بىلەن ئىش تۈگىدى.

  شىرئەلىجان ئۆز قىلمىشىنىڭ قانداق بەدەل ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. خادسونغا ھۆركىرىگەندىن كېيىن، تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا ئۇ ئۆزىمۇ «ئۇ چاغدا بەكلا ھاياجانلىنىپ كېتىپتىمەن، ھازىر ئويلىسام بىر ئاز قورقۇپمۇ قالدىم»، «بۇنىڭدىن كېيىن بەكرەك دىققەت قىلىمەن، كوماندا ماڭا موھتاج بولغاندا بۇنداق ئىشلار سەۋەبلىك مۇسابىقىگە تەسىر يەتكۈزمەيمەن» دېدى.

  بەلكىم بۇ ئۇنىڭ مۇسابىقىدىن باشقا ئىشلارغا زېھنىنى كۆپرەك سەرپ قىلىۋەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك. سابىق دۆلەت كوماندىسى ئەزاسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەردىكى سان-سېفىرىنى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چېكىنىش بولدى. 2012- 2013- مۇسابىقە پەسلىنى شىرئەلىجاننىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى يۇقىرى پەللە دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ ھەر مەيداندا ئوتتۇرىچە 14.4نومۇر ئېلىپ، 4.3گاردىن قايتقان توپ تارتىۋالغان، 2.4قېتىم ھۇجۇمغا ماسلاشقان ۋە 1.9قېتىم توپ تارتىۋالغان، بىراق بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى 22ئايلانما مۇسابىقىدە ئۇنىڭ سان-سېفىرى پەقەتلا 8.7نومۇر ئېلىش، 2.7قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىش، 1.6قېتىم ھۇجۇمغا ماسلىشىش ۋە 1.2قېتىم توپ تارتىۋېلىش بولدى. 24ياشلىق بىر ماھىرغا نىسبەتەن، بۇنداق بالدۇرلا چېكىنىش ھالىتى پەيدا بولۇش چوقۇم بىرەر مەسىلە چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شىرئەلىجاندا بۇ مەسىلە دەل ئۆز كەيپىياتىنى باشقۇرۇش مەسىلىسىدۇر.

  ۋاسكېتبول مەيدانىدا قىزغىنلىق بولۇشى كېرەك، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ھۆرمەتلەش ۋە ئەقىل بولۇشى كېرەك. رىقابەتچىسىنى ھۆرمەتلەش كېرەك، چۈنكى كۈچلۈك رىقابەتچى بار بولغاندىلا ماسلىشىپ بىر مەيدان نادىر مۇسابىقە ئوينىلىدۇ؛ رېپىرنى ھۆرمەتلەش كېرەك، چۇنكى رېپىرنىڭ ئادىل ھۆكۈمى بولغاندىلا مۇسابىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ توپ مەستانىلىرىنى ھۆرمەتلەش كېرەك، چۈنكى كەڭ توپ مەستانىلىرى بىرلەشمە مۇسابىقە بېلەت كىرىمىنىڭ كاپالىتى. شىرئەلىجان ئالدى بىلەن چوقۇم بۇ قائىدىلەرنى بىلىۋېلىشى كېرەك، شۇندىلا ھاياتىدىكى ھەربىر مەيدان مۇسابىقىنى ياخشى ئوينىيالايدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر