باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسى ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى

2015.12.31 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، زۇلفىيە تۇنىياز خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندىن بۇيان ئاۋات ناھىيەسىدە ئۇدا قار يېغىپ، تېمپوراتۇرا كۆرىنەرلىك تۈۋەنلەپ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ھەممە يەرنى قاپلىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەھىرتان قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشى ۋە خاتىرجەم ئوقۇشى ئۈچۈن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىستىنىڭ بەشئېرىق بازىرى ئۈستۈنكى قۇمئېرىق كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتتىكى ئوقۇغۇچىلارغا قىشلىق چاپان، باش كېيىم، شارپا قاتارلىق ئىسسىق ساقلاش كېيىملىرىنى ھەدىيە قىلىپ، ئۇلارغا كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئىللىقىنى ھېس قىلدۇردى.

  بەشئېرىق بازىرى ئۈستۈنكى قۇمئېرىق كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شەھىدە ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى:

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋىرستېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە قۇش تىل بالىلار باغىچىسىدىكى ئۇسمۇرلەرنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىگە ئىزچىل كۇڭۇل بۇلۇپ، جەمىئيەتتىكى ھەر ساھە ۋە كارخانىچىلارنى قۇزغىتىپ، ئىلگىرى –كېيىن بۇلۇپ، كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە 550يۇرۇش ئۈستەل ئۇرۇندۇق، بالىلار باغچىسىغا 50يۇرۇش يوتقان –كۆرپە، ئۇقۇش قۇراللىرى ۋە مەكتەپ كېيىمى قاتارلىقلارنى ھەدىيە قىلىپ، بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۇزۇپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملىدى.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋىرستېتىدىن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۈياۋزوڭ مۇنداق دىدى: ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق سۇغۇقتىمۇ نىپىز كىيىنىۋالغانلىقىنى كۇرۇپ كۇڭلۇم يېرىم بۇلدى، شۇڭا، جەمىئيەتتىكى ساخاۋەتچى زاتلارنى ئۇقۇغۇچىلارغا كېيىم –كىچەك ئىنانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بىز كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە ئۇقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۇڭۇل بۇلۇپ، ئۇلارنى پۇتۇن كۇچىمىز بىلەن قۇللايمىز.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر