خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بالىلىرىنىڭ نەزىرىدە دادىلار ھەمىشە «سۈرلۈك»، «قاتتىق قول» بولسىمۇ ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى دادىلار دائىم بالىلىرى بىلەن بىللە ئوينىغاندا «قاتتىق قوللۇق»نى بىر چەتكە قويۇپ، «مېھرىبان» تەرىپىنى نامايان قىلىدۇ. ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا تورداشلار بېلەت تاشلاپ، 2015-يىلدىكى «بالىلىرىغا بوزەك بولغان» دادىلارنىڭ ئەڭ نادىر سۆرەتلىرىنى باھالاپ چىقتى. ساقاللاردىكى كېپىنەك شەكىللىك تۈگۈن، بەدەنگە چاپلانغان رەسىملەر ۋە يوپكىلاردىن كۆرۈنۈپ قالغان بەدەن چەكمىلىرى دادىلار مېھرىنى تولۇق نامايان قىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى