باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پىكىر ئېلان قىلدى

مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالاپ مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

2015.12.29 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 28-دېكابىر «مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالاپ مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە قارىتا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش ۋە تارقىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  پىكىردە مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالاپ مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پرىنسىپى، باش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالاپ مۇكاپاتلاشنى ئۇيۇشتۇردىغان سۇبيېكتىپ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالاپ مۇكاپاتلاشنىڭ ئۆلچىمى ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. پىكىردە يەنە باھالاپ بېكىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، قوللاپ كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارغا بەلگىلىمە بېكىتىلدى.

  پىكىردە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىلمىي، مۇۋاپىق باھالاش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، بەدىئىيلىكى يۇقىرى بولۇش ئۆلچىمى بويىچە ئەسەرلەرنى باھالاپ، ئاممىنىڭ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھاسىنى كۆرۈش نىسبىتى، ئاڭلاش نىسبىتى، تارقىتىش نىسبىتى قاتارلىقلار بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى مۇھىم ئاساس قىلىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال سۈپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان باھالاش سىستېمىسى ئورنىتىش كېرەك. ئەخلاق-سەنئەتتە قوش ياخشى بولۇش تەلىپى بويىچە، ئىجتىمائىي ئىناۋەت بىلەن سەنئەت نەتىجىسىنى باھالاشقا قاتناشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ، تۇرمۇش، خەلق ئارىسىغا چۆككەن ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە مايىللىشىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغان كەسىپكارلار ۋە ئۇلارنى ئەسەرلىرىنى باھالاشقا قاتناشتۇرماسلىق كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر