باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدە خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇلۇشۇشى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلدى

2015.12.30 17:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، زۇلفىيە تۇنىياز خەۋەر قىلىدۇ) خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولۇپ، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان ئاۋات ناھىيەسى بىر مىليارد190مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەركەز، ئاپتونۇم رايۇن ۋە ۋىلايەتنىڭ 600مىليۇن يۈەن ياردەم مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ 19مىڭ 827ئائىلىك «خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش ئۆيى»نى پۈتۈررۈپ ھەر مىللەر دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش شارائىتىنى غايەت زور دەرىجىدە ياخشىلىدى.

  تامتوغراق يېزىسىنىڭ تۈۋۈنكى ئارال كەنت ئاھالىسى ئەزىمەت ئەمەر ئائىلىسىدىكىلەر بۇ يىل 8-ئايدا، 90كۋادىرات مېتىرلىق خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىرگەن بولۇپ، ئۇ مۇخبىرلىرىمىزغا 27ياشقا كىرىپلا ئۆزىگە تەۋە يېڭى ئۆيىنىڭ بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى، بۇ ئۆيگە ماتېرىيال پۇلى، ئىش ھەققى بولۇپ 50مىڭ يۈەن خەجلىگەنلىكىنى، بۇ پۇلنىڭ 30مىڭ 500يۈەننى ھۆكۈمەت ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئاۋات ناھىيەسى خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىدا يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «بىر كەنتتە بىر پىلان بولۇش، بىر ئائىلىگە بىر لاھىيە تۈزۈش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن خەلقنى ماكانلاشتۈرۈپ بېيىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىكى دېھقان چارۋىچىلارنى كونا ئۆيلەر بىلەن خوشلاشتۇرۇپ ئازادە، يۇرۇق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈردى.

  تامتوغراق يېزا تۈۋەنكى ئارال كەنت ئاھالىسى ئۆمەر بەكرى مۇنداق دېدى: بىز خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇشۇلۇشىدىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۇق. ئازادە، يۇرۇق، يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ سېلىنغان 130كۋادىرات مېتىر ئۆيگە كۆچۈپ كىرگىنىمگە ئۈچ يىل بولدى. تۇرمۇش شارائىتىمىز ئالاھىدە ياخشىلاندى. ئۆيلىرىمىز شەھەرلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن قېلىشمايدۇ. ئۆيلەرنىڭ ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، تۇرمۇشىمىزغا يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كىردى.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر