- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۇنيا بويىچە تۇنجى ئارالنى ئايلىنىش يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى خەينەن ئارىلنى ئايلىنىش يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا پويىز قاتنىدى
2015.12.31 14:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئەتىگەندە خەيكۇدا قۇياشنىڭ چىقىشىنى كۆرىمىز، چۈشتە دەنجۇدا غىزالىنىمىز، چۈشتىن كېيىن سەنيادا سۇغا چۆمۈلىمىز، كەچتە بوئاۋدا چاي ئىچىمىز»، خەينەن ئارالنى ئايلىنىش يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا 30-دېكابىر پويىز قاتناپ، 2010-يىلى 12-ئايدا پويىز قاتنىدىغان خەينەن ئارالنى ئايلىنىش يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ شەرقىي بۆلىكى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ ئىسسىق بەلباغ رايونىدىكى دۇنيا بويىچە تۇنجى ئارالنى ئايلىنىش يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى شۇنداقلا دۇنيا بويىچە تۇنجى ئارالنى ئايلىنىش يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ساياھەتچىلەر ئۈچ سائەتتە ئارالنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر