باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاقاسلىشىپ،قۇملىشىپ كەتكەن يەرلەر ئۇدا ئون يىل ئازايدى

2015.12.31 14:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى تۈنۈگۈن بەشىنچى قېتىملىق قاقاسلىشىپ، قۇملىشىپ كەتكەن يەرلەرنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەش ئەھۋالى مەملىكەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بەشىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك قاقاسلىشىپ،قۇملىشىپ كېتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، 2014-يىلغىچە كۆرۈنەرلىك قۇملىشىپ كېتىشكە يۈزلەنگەن يەر كۆلىمى 300مىڭ 300 كوۋادرات مېتىرغا يېتىپ، دۆلەت يەر كۆلىمىنىڭ %3.12نى ئىگەللىگەن، ئەمەلىيەتتە قۇملىشىپ كېتىپ ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەن يەر كۆلىمى 203مىڭ 700 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، قۇملىشىپ كەتكەن يەر كۆلىمىنىڭ %11.8نى ئىگەللىگەن، ئېلىمىزدە قاقاسلىشىپ، قۇملىشىپ كەتكەن يەر كۆلىمى 2004-يىلدىن بۇيان ئۇدا ئون يىل ئازايغان،دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەنلوڭ مۇنداق دېدى: گەرچە قاقاسلىشىپ، قۇملىشىپ كەتكەن يەر كۆلىمى ئومۇمى جەھەتتىن ئازايغان بولسىمۇ ئەمما تىزگىنلەش ۋە قوغداش ۋەزىپىسى يەنىلا ئېغىر، جاڭ جيەنلوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 13-بەش يىلدا مەملىكەت بويىچە 100 مىڭ كىۋادرات كىلومېىتر قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى تىزگىنلەشكە توغرا كېلىدۇ، ئېلمىز ھازىر تىزگەنلەشتە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى قوغداپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمان قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ، تيەنجىن قۇم بوران مەنبىيىنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى، قۇملۇق رايونلارنى توسۇپ قوغداش قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىپ، چوڭ قۇرۇلۇشلار ئارقىلىق قۇملىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگنلەش خىزمىتىگە تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مېخانزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى قېلىپى ۋە سېلىنما تولۇقلىما مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەت كاپىتالى، بانكا كاپىتالى، كارخانا كاپىتالىنى كىرگۈزۈپ، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتنى قۇملىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ، داۋاملىق نۇقتىلىق ئۆلكە، ئاپرونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر بىلەن قۇملىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگنلەش نىشانى مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قۇملىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش نىشانى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر