- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىراق ئارمىيەسى غەربىي قىسىمدىكى مۇھىم بازار رامادىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى
2015.12.29 13:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىراق ئارمىيەسى 28- دېكابىر ، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرى بىلەن شىددەتلىك ئۇرۇش قىلدى، ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى شۇ كۈنى ئىراقنىڭ غەربىدىكى ئابنار ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى رامادىنى قايتۇرۇۋالدى.
ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا، ئىراقتا ئېغىر قوراللىق توقۇنۇش پارتلاپ، ئىسلام دۆلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلاتلار ئىراقنىڭ غەربىي ۋە شىمالىدىكى كۆپ قىسىم زېمىننى ئارقا ئارقىدىن ئىگىلىۋالدى. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئىسلام دۆلىتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرى رامادىنى ئىگىلىۋالدى. ئىراق ئارمىيەسى ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ رامادىغا چوڭ كۆلەمدە ھەربىي ھەرىكەت قوللاندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر