باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىخەتەر ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خاتىرجەم سۇ ئىچىشىگە كاپالەتلىك قىلىندى

2015.12.29 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28- دېكابىر داۋانچىڭ رايونى ئاقسۇ يېزىسى داخېيەن كەنتىنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشى خىزمىتى تاماملىنىپ، پۈتۈن كەنتتىكى 147نەپەر دېھقاننىڭ سۇ ئىچىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

  بۇ كەنت ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئەڭ يىراق كەنت، شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 150كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يىل شەھەرلىك پـارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاقسۇ يېزىسى قاراساي كەنتى، داخېيەن كەنتىدە يېزىلارنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغانىدى، نۆۋەتتە، ئائىلىلەرگە ئەكىرىش خىزمىتىمۇ ئاساسەن پۈتتى. شۇنىڭ بىلەن، داۋانچىڭ رايونى بىخەتەر ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشى ھەممە يەرنى قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر