باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا چىكاگودا ساقچى تەرەپ ئىككى نېگىرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

2015.12.28 12:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا چېكاگو شەھەرلىك ساقچى تەرەپ 26-دېكابىر بىر پارچە خەۋەر ئۇقتۇرۇشىدا ساقچى تەرەپنىڭ شۇ كۈنى سەھەردە چېكاگو شەھىرىنىڭ غەربىدە بىر ئائىلە ماجراسىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا ئامالسىز ئوق چىقىرىپ ئىككى كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

  نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ ئوق چىقارغان ساقچىنىڭ ئىرقى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى ئېلان قىلمىدى، دىلونىڭ تەپسىلاتى ۋە ئۆلگۈچىنىڭ تەپسىلاتىنىمۇ ئاشكارىلىمىدى.

  «چېكاگو مۇنبىرى گېزىتى» ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ۋە نەقمەيداندىكى كۆرگۈچىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى كىشىنىڭ قارا تەنلىك ئىكەنلىكىنى، ئىچىدىكى بىرىنىڭ 55 ياشلىق ئايال ئىكەنلىكىنى، يەنە بىرىنىڭ 19 ياشلىق ئوغۇل ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئانىسىنىڭ دېيىشىچە، ئوغلى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندە قورال يوقلۇقىنى، پەقەت بىر كالتەكتوپ كالتىكى بار ئىكەن. ئايال ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە ئايال ئۆلگۈچى خاتا ئۆلتۈرۈلگەن .

  نۆۋەتتە، بىر مۇستەقىل ئورگان بۇ ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرماقتا ئىكەن. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر