باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پىلانلىق توغۇت قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىگە يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

2015.12.28 10:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 59-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدىن ئوقۇشىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى قاراپ چىقىلىۋاتقان نوپۇس ۋە پىلانلىق توغۇت قانۇنى تۈزىتىلمىسىنىڭ 5-ماددىسىدىكى «ھەر قانداق شەكىلدە ۋاكالىتەن توغۇش مۇلازىمىتى قىلىش چەكلىنىدۇ» دېگەن بەلگىلىمىنى چىقىرىۋېتىش تەكلىپىنى بەرگەن. 21-دېكابىر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان نۇپۇس ۋە پىلانلىق توغۇت قانۇنى تۈزىتىلمىسىنىڭ 5-ماددىسىدا داۋالاش ئورگانلىرى ئىنسانلارنىڭ نەسىل قالدۇرىشىغا يادەم بېرىش تېخنىكىسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتىشى كېرەك، ئىسپېرما، تۇخۇم، ئورۇقلانغان تۇخۇم، تۆرەلمىنى ئېلىپ-سېتىش چەكلىنىدۇ، ھەر قانداق شەكىلدە ۋاكالىتەن توغۇش مۇلازىمىتى قىلىش چەكلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 23-دېكابىر نوپۇس ۋە پىلانلىق توغۇت قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسىگە گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىققان، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ لايىھەنىڭ 5-ماددىسىدىكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بەلگىلىمە ھەققىدىكى ئىختىلاپى بىر قەدەر چوڭ بولغان. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى بەزى خادىملار: نوپۇس ۋە پىلانلىق توغۇت قانۇنىغا بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىرلىرىنى زىچ چۆرىدەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، بۇ بەلگىلىمە ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بەزى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا بۇ ماددىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش بەلگىلىمىسىنى چىقىرىۋېتىشنى تەكلىپ قىلىمىز، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. قانۇن كومىتېتى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ پىكىرنى قوبۇل قىلىش، ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىلمە لايىھەنىڭ 6-ماددىسىنى، يەنى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ۋاكالىتەن توغۇش مۇلازىمىتى قىلغانلار مۇناسىپ جازالىنىدۇ، دېگەن بەلگىلىمىنى چىقىرىۋېتىش تەكلىپىنى بەرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر