باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستان-ھىندىستان زۇڭلىلىرى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى داۋاملىق كۈچەيتىشكە قوشۇلدى

2015.12.28 12:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندىستان زۇڭلىسى مۇدى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن پاكىستاندا تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولدى ھەمدە پاكىستان زۇڭلىسى شەرىف بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى رەھبەر سۆھبەتتە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى داۋاملىق كۈچەيتىشكە بىردەك قوشۇلدى.

  بۇ قېتىمقى سۆھبەت شەرىفنىڭ لاھوردىكى شەخسىي تۇرالغۇسىدا ئۆتكۈزۈلدى، سۆھبەت بىر يېرىم سائەت داۋاملاشتى.

  مۇدى ئافغانىستاندىن ھىندىستانغا قايتىشىدا لاھوردا توختىغان ئىدى. مۇدى لاھورغا كەلگەن ۋە ئايرىلغان ۋاقىتتا شەرىف ئۆزى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى ۋە ئۇزۇتۇپ قويدى.

  بۇ قېتىمقى زىيارەت پاكىستان بىلەن ھىندىستان ھۆكۈمەت سۆھبىتى مۇساپىسىنى باشلاشقا قوشۇلغان پەيتتە ئۆتكۈزۈلدى شۇنداقلا 12 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ھىندىستان زۇڭلىسىنىڭ پاكىستاندىكى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر