باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئىناق، مۇقىم بولغان ۋەزىيەت يارىتىشتا خۇشاللىنارلىق خىزمەت ئىشلىدى

2015.12.28 13:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوندىكى ئورگانلاردىن ۋىلايەت (ئوبلاست)، شەھەر، ناھىيەلەرگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، ئىناق، مۇقىم بولغان ۋەزىيەتنى يارىتىشتىمۇ خۇشاللىنارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئۇلار ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ دەردىگە يېتىپ، يولۇققان ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىدىيەسىدە پارتىيەنى ھىمايە قىلىدىغان، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان ھېسسىياتنى شەكىللەندۈردى.

  ھازىرقى مۇقىم، تىنچ بولغان ۋەزىيەتنىڭ ج خ كادىر – ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچىلارنىڭ خىزمەت ئورنىدا جاپالىق ئىشلىگەنلىكىدىن، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قوللىغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ج خ ئورۇنلىرىدىكى كادىر – ساقچىلارنىڭ جەمئىيەتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، تەرتىپكە سېلىش خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، زوراۋان، تېررورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش نەتىجىسىدە تېخىمۇ ياخشى بولغان تىنچ – ئىتتىپاق ئاسايىشلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. شۇڭا، ھەرمىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن ۋىلايەت (ئوبلاست)، ناھىيە، يېزا – بازار، كەنتلەرگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىدىكى كادىرلارغا ھەم ج خ كادىر – ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى، ياردەمچى ساقچىلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچى خادىملارغا ھۆرمەت ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، سىلەر جاپا چەكتىڭلار، رەھمەت سىلەرگە!

  ئارا تۈرۈك ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدىن ئىسھاق ئوسمان


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر