باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شەرق يۇلتۇزى» ناملىق پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى تەستىقلاندى

2015.12.31 11:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا «شەرق يۇلتۇزى» ناملىق يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تەستىقلىدى، گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق مۇنداق دەپ بېكىتىلدى: شەرق يۇلتۇزى ناملىق يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ كۆمتۈرلۈپ چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى توساتتىن ئاز كۆرۈلىدىغان ھاۋا رايى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كۈچلۈك بوران ۋە قارا يامغۇر ھۇجۇمىدىن كېلىپ چىققان پەۋقۇلئاددە چوڭ ئاپەت خاراكتىرلىك ۋەقە،2015-يىلى 1-ئىيۇن سائەت 21دىن 32 مىنوت ئۆتكەندە چۇڭچىڭ شەرق پاراخوت شىركىتىنىڭ شەرق يۇلتۇزى ناملىق يولۇچىلار پاراخودى نەنجىڭدىن چۇڭچىڭغا قاراپ مېڭىپ، خۇبېي ئۆلكىسى جىڭجۇ شەھىرى جيەنلى ناھىيەسى چاڭجياڭ داماجۇ سۇ يولىغا كەلگەندە كۆمتۈرلۈپ چۆكۈپ كەتكەن، 12 كىشى ھايات قالغاندىن باشقا 442 كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان ئىدى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەنە تەكشۈرۈش ئارقىلىق شەرق يۇلتۇزى ناملىق يولۇچىلار پاراخودىنىڭ شامالنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ گەرچە قېلىپلاشقان تەلەپكە ئۇيغۇن بولسىمۇ ئەمما ناچار ھاۋا رايىغا تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېنىقلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر