باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەتىدىن باشلاپ تۇغۇلغان ئىككىنچى بالىنىڭ ھەممىسى قانۇنلۇق

2015.12.31 13:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-دېكابىر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۆزگەرتىپ تۈزۈلگەن «نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، بۇ «ئومۇميۈزلۈك ئىككى بالىلىق بولۇش» سىياسىتىنىڭ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يۇقىرى ئورۇندىكى قانۇن بەلگىلىمە بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش ئۈچۈن، مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن جايلار يەرلىكنىڭ پىلانلىق تۇغۇت نىزامىنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈشنى تېزلەتتى.

  «نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى»نى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش تاماملانغاندىن كېيىن، «ئومۇميۈزلۈك ئىككى بالىلىق بولۇش» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ۋاقتى مەملىكەت بويىچە 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگە بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. بۇ يەرلىكنىڭ پىلانلىق تۇغۇت نىزامىنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش خىزمىتىنى قاچان تاماملىشىدىن قەتئىينەزەر، سىياسەتنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر