باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان ئون تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2015.12.31 11:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئون تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، بۇ دېلولار تۆۋەندىكىچە:

  قاراماي شەھەرلىك تاشيول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى خەن گۇاڭپىڭنىڭ توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى. خەن گۇاڭپىڭ ئايرىم – ئايرىم قاراماي شەھىرى ۋە چۆچەك شەھىرىدە قىزىنىڭ تويىنى قىلىپ، قول ئاستىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى تويغا تەكلىپ قىلغان ھەم ئۇلارنىڭ سوۋغاتلىق پۇلىنى قوبۇل قىلغاچقا، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ ۋېي، ئىدارە باشلىقى قەھرىمان سەيدىننىڭ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىشتا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى. جاڭ ۋېي بىلەن قەھرىماننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئونسۇ ناھىيەلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئىچى، سىرتىدىكى سودا – سانائەت سىستېمىسىدىن كەلگەن مېھمانلارنى كۆپ قېتىم ساياھەتكە تەشكىللەپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا بېلەت سېتىۋالغان. جاڭ ۋېي بىلەن قەھرىمان سەيدىنگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  بايىنغولىن ئوبلاستىلىق سەھىيە مەكتىپى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى غوپۇرجان ئابلانىڭ ئىشخانا كۆلىمى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، ‹‹شەخسىي ئاپتوموبىلىغا ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن ماي قاچىلاش›› مەسىلىسى. غۇپۇرجان ئابلا ئىشخانىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەتكەن، ئىشخانا كۆلىمى ئۆلچەمدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن؛ كۆپ قېتىم ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى بىلەن سىرتقا چىقىپ، خۇسۇسىي ئىشىنى بېجىرگەن؛ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىغا ماي قاچىلاش كارتىسىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي ئاپتوموبىلىغا ماي قاچىلىغان. غۇپۇرجان ئابلاغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  سانجى ئوبلاستى ماناس ناھىيەسى پىڭيۈەن ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش مەسىلىسى. پىڭيۈەن ئورمانچىلىق مەيدانى بىر قىسىم ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى شەرقىي جۇڭگو رايونىغا ساياھەتكە تەشكىللىگەن ھەم بىر قىسىم ساياھەت خىراجىتىنى ھۆكۈمەت پۇلىدىن چىقىم قىلغان. ئورمانچىلىق مەيدانى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ باشلىقى ياڭ جىڭ، پارتكوم ئەزاسى، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ دۇڭشياۋ، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دوجۈنگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ ‹‹چىلۇ›› سانائەت رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر لى دېخۇڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياردەم پۇل، تولۇقلىما تارقىتىش مەسىلىسى. لى دېخۇڭ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى بارىن يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، چېقىش – كۆچۈرۈش تۆلەم پۇلىنى چېقىش – كۆچۈرۈشكە قاتناشقان كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە نەق پۇل، مال سېتىۋېلىش كارتىسى شەكلىدە تارقىتىپ بەرگەن. لى دېخۇڭغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ ئىككى يىل كۆزىتىش چارىسى كۆرۈلدى، ۋەزىپە دەرىجىسى تەمىناتى مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك رەھبەردىن مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك ئادەتتىكى كادىرغا چۈشۈرۈلدى.

  ئىلى ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى چاپچال بازارلىق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى لى فېينىڭ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ زىياپەت تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. لى فېي دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى خوجايىنىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنىدىكى بىر قىسىم كادىرلارنى باشلاپ ئارامگاھقا بېرىپ مېھمان بولغان. لى فېيغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسىنىڭ سىداۋخوزا بازىرى گاۋتۇجاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يۆ ۋېنخۈينىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا يېيىش – ئىچىش مەسىلىسى. يۆ ۋېنخۈي كەنتنىڭ ھېساباتچىسىغا كەنتنىڭ كوللېكتىپ يېرىنى ھۆددىگە بېرىش ھەققىنى كەنت كوللېكىتىپ ھېساباتىغا كىرگۈزمەسلىكنى ئېيتقان ھەم بىر قىسىم مەبلەغنى يەپ – ئىچىش، كۆڭۈل ئېچىش ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن. يۆ ۋېنخۈيگە پارتىيىدە قالدۇرۇپ، بىر يىل كۆزىتىش چارىسى كۆرۈلدى.

  قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەلىك باغ – ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ياردەم پۇل، تولۇقلىما تارقىتىش مەسىلىسى. بۇ پونكىت ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ ئىككى قېتىم مەخسۇس مەبلەغنى يۆتكەپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ياردەم پۇل سۈپىتىدە تارقىتىپ بەرگەن. پونكىت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما فاجۈن پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى، پونكىت باشلىقى سابىرجان ئاباققا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى لۇخەي ماددىي ئەشيا ساقلاش، توشۇش شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جيا جيەنبونىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش مەسىلىسى. جيا جيەنبو ئۇزاقتىن بۇيان ئىدارىنىڭ بىر ئاپتوموبىلىنى ئىگىلەپ ئىشلەتكەن ھەم ئىدارىنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان بىر ئاپتوموبىلىنى كۆپ قېتىم ئۆيىگە ھەيدەپ كېتىپ ئىشلەتكەن. جيا جيەنبوغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلدى.

  جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى فۇكاڭ شەھەرلىك شۆبە شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە باش دېرىكتور ۋاڭ شياۋلىننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ كۈتۈۋېلىش مەسىلىسى. ۋاڭ شياۋلىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شۆبە شىركەت ئىشخانىسى ھېسابات سىرتىدىكى مەبلەغدىن چىقىم قىلىپ كۈتۈۋېلىش ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن. ۋاڭ شياۋلىنغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتىلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك، تەلەپچان بولۇش مىزانى›› ۋە ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى قاتتىق تەربىيەلىشى، قاتتىق باشقۇرۇشى، قاتتىق نازارەت قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلغانسېرى شۇنچە قاتتىق بولۇش، دېلونى شۇنچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ھەم ئالاقىدار شەخسلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەلەي سىناش ئويىدا بولغانلارنى چۆچىتىپ، ۋاقتىدا قول ئۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمىغان، چەكلىسىمۇ قولىنى يىغمىغان، شامالغا قارشى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان، يامان تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)نىڭ سۇبيېكتىلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى(ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى)نىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر