- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە پۇتىننىڭ باشارنىڭ سۇرىيە سايلىمىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئىنكار قىلدى
2015.12.31 13:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوۋ تۈنۈگۈن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ يېقىندا سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشارنىڭ 2017-يىللىق سۇرىيە مەملىكەتلىك سايلىمىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.
پىسكوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇرىيەنىڭ كەلگۈسىنى سىرتتىكىلەر قارار قىلماسلىقى كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ كۆپ قەدەملىك مۇرەسسە قىلىش جەريانى. زۇڭتۇڭ ئەزەلدىن سۇرىيەنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ كەلگۈسىنى سىرتتىكىلەر قارار قىلماسلىقى كېرەك، پەقەت سۇرىيەلىكلەرلا قارار قىلالايدۇ دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى.
پىسكوۋ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 15-دېكابىردىكى سۆھبەتتە پۇتىن كېررىي بىلەن سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنى مۇزاكىرىلەشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر