باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 49–قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى

2015.12.31 11:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 29 – دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن 49 – قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 20 – يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى(ئىككىنچى قېتىملىق تۈزىتىلمىسى)››غا قاراپ چىقىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات؛ ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش بەلگىلىمىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى(دەسلەپكى لايىھە)››، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2015 – يىللىق يەرلىك ھۆكۈمەت قەرز چېكىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، تولۇقلاپ سايلىنىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى، تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، تۈرلۈك ئىسىملىك لايىھەسى قاتارلىق قارالمىلارغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات؛ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى(دەسلەپكى نۇسخا)غا قاراپ چىقىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 2015 – يىللىق خىزمەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تېلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىم يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر