29-دېكابىر، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا يەنە 22 كۈن قالدى، شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنتەربىيە مەركىزى تېز سۈرئەتتە تېيىلىش سارىيىدا مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى جىددىي كەيپىيات شەكىللەندى. شىنجاڭ تېز سۈرئەتتە تېيىلىش كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى ياخشى بولغان مۇسابىقە ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، بەدەن ئىقتىدارى ۋە تۈرلەر مەشىقى ئېلىپ بېرىپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلدى.