باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قورغاس پورتى ئاشلىق ئىمپورت قىلىش تەستىقىغا ئېرىشتى

2016.01.04 08:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خاسىيەت جۈمەنىڭ شىنجاڭ چېگرا كارانتىن – پىرىيوم ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى يېقىندا ‹‹مەملىكەت بويىچە چېگرادىن ئاشلىق ئىمپورت قىلىشتا بېكىتىلگەن پورتلار ۋە تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، قورغاس پورتى دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، ئاشلىق ئىمپورت قىلىشتا بېكىتىلگەن پورتقا ئايلاندى. بۇ، بۇنىڭدىن كېيىن قورغاس پورتىدىن تۈركۈملەپ ئاشلىق ئىمپورت قىلغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، قورغاس پورتى بىلەن چېگرالىنىدىغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئاشلىق ئېكسپورت قىلىدىغان 6 – چوڭ دۆلەت ئىكەن، ئۇلارنىڭ بۇغدىيىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ئوخشاش سۈپەتتىكى بۇغدايغا سېلىشتۇرغاندا باھا جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، دۆلىتىمىز ‹‹يېزا ئىگىلىكىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش›› ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كارخانا ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قازاقىستانغا بېرىپ يەر ھۆددىگە ئېلىپ ياكى بوز يەر ئېچىپ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىشىغا، ئاندىن مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت ئىچىگە يۆتكەپ كېلىپ ئىنچىكە پىششىقلىشىغا ئىلھام بەرگەن، شۇنداقلا ئاشلىق ئىمپورت سودىسىغا مۇقىم كاپالەتلىك قىلغان.

  قورغاس تۆمۈريول پورتى ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، ئۇ يەرگە دۆلىتىمىز سىرتقا ئېچىۋەتكەن تۆمۈريول پورتلىرى ئىچىدە بىردىنبىر ھايۋانات، ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدىغان مەخسۇس لىنىيە ئېچىلغان ۋە يۈرۈشلەشكەن ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ئەسلىھەسى سېلىنغان. ئاشلىق ئىمپورت قىلىشتا بېكىتىلگەن پورت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈشى قورغاس تاشيول، تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى ۋە ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروت زەنجىرى بەرپا قىلىپ، ئاشلىق ساقلاش – توشۇش، پىششىقلاش، يەم – خەشەك ئىشلەپچىقىرىش، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى قورغاسقا كېلىپ تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ، شۇنداقلا قورغاس خەلقئارا سودا، ئەشيا ئوبوروت كەسىپلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر