باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالاتاۋ پويىز ئىستانسىسىدىن غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت پويىزىنىڭ قېتىم سانىدا يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى

2016.01.04 08:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈەن لېي، لى دېيۇڭنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2015 – يىل 12 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە ئالاتاۋ پويىز ئىستانسىسىدىن غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت پويىزى بىر يىلدا 570 قېتىم قاتناپ، تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئالاتاۋ پورتى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا جۇڭگونىڭ شەرقىي، غەربىي رايونلىرىنى ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا ھەتتا ياۋروپاغا تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم لىنىيەگە ئايلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالاتاۋ پويىز ئىستانسىسىدىن غەربكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلاردا ئاساسلىقى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى توشۇلىدىكەن، يۈك تىرانسپورت ۋاقتى ئومۇمەن 16 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ، دېڭىز تىرانسپورتىدىن 20 كۈن تېجىلىدىكەن، تىرانسپورت تەننەرخى ھاۋا تىرانسپورتىنىڭ ئاران تۆتتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىكەن. بولۇپمۇ يىۋۇ، چۇڭچىڭ، جېڭجۇ، شىئەن قاتارلىق جايلاردىن ئوتتۇرا ياۋروپاغا بارىدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ ئارقا – ئارقىدىن قاتنىشى بىلەن ئالاتاۋ پورتى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزلىرى مەركەزلىك يىغىلىدىغان جايغا ئايلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپاغا يۈزلەنگەن ۋاقتى قىسقا، ئارىلىقى يېقىن، تەننەرخى تۆۋەن، بازار رىقابەت كۈچى زور يېڭى سودا يولىنى شەكىللەندۈرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر