باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ماركا ئىناۋىتى مۇھاكىمە مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

2016.01.04 08:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇبارەك ئىسمائىل، ئېلنارە ئېلشات خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر 2015 – يىللىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماركا ئىناۋىتى مۇھاكىمە مۇنبىرى 30 – دېكابىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  ئۇقۇشىمىزچە، شىنجاڭ ماركا تەتقىقات ئورنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ماركا ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا، ماركا تەبىرى، ماركىدىن قانداق پايدىلىنىش، قانداق قىلغاندا ماركىنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ، بازاردا ئىناۋەت تىكلەشكە يېتەكلەشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار پىلانلاپ باھالاشقا سۇنغان ‹‹قەشقەر ئانىرى››، ‹‹مەكىت دولان قويى››، ‹‹خوتەن چىلىنى›› قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 27 خىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ ماركىسى ‹‹جۇڭگونىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى›› نامىغا ئېرىشىپتۇ.

  بۇ يىلقى ماركا ئىناۋىتى مۇھاكىمە مۇنبىرىنىڭ باش تېمىسى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، كارخانا ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ماركا ئىناۋىتى سىستېما قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق تەدبىر بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.

  مۇھاكىمە يىغىنىدا شىنجاڭ ‹‹ليەنباڭ›› ئىناۋەت باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ۋاڭ خەيمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ئۆلچەم باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئازات فېردەۋىس قاتارلىق سەككىز كىشى ماركا ئىناۋىتى، ماركا تەرەققىياتى، ماركىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا لېكسىيە سۆزلىدى.

  ئۇقۇشىمىزچە، بۇ يىلقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سەككىز مۇھاكىمە مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، ماركا ئىناۋىتى مۇھاكىمە مۇنبىرى شۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر