باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۇەن ئەلا مائارىپ بىلەن چەت-يىراق، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى قاپلىدى

2015.12.21 17:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گەرچە ئوغلىنىڭ ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىشىغا كۆزى قىيمىسىمۇ، لېكىن ئۇنى يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان گۇما ناھىيەسىدىكى دېھقان ئابلىمىت يەنىلا ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ، ئوغلى قەدىردىننى ناھايىتى يىراقتىكى بىڭتۇەن 2-دىۋىزىيەسى 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتتى. ئابلىمىت مەن ئوغلۇمنى چوقۇم خەنزۇچىدا ياخشى ئوقۇتۇپ، ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن دېدى.

  2000-يىلىدىن تارتىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چەت-يىراق، نامرات جايلارنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان-چارۋىچى پەرزەنتلىرىنى ئەلنەپ سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، ئېلىمىز ئىچكى جايلاردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان 12 شەھەردە «ئىچكىرى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى»نى ئارقا-ئارقىدىن ئاچتى. 2004-يىلى، شىنجاڭ «ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى» ئەندىزىسىدىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق سەككىز شەھەردە 17 «رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى» ئاچتى. بۇ يىلدىن تارتىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ تۆت دىۋىزىيەسى ئالدى بىلەن «بىڭتۇەن شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى» ئېچىپ، ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست دائىرىسىدىكى بىڭتۇەننىڭ ھەر قايسى دىۋىزىيەلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر