باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئىستىل توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنىڭ يادروسى − سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش (2)

2013.08.14 16:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكتىن ئىبارەت مۈشكۈل بۇرچنى ئورۇنداشنىڭ ئېھتىياجى

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، شىنجاڭ يېڭى مەزگىلگە، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. ھازىر شىنجاڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز راۋاجلىنىۋاتقان، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى روشەن ئېشىۋاتقان، ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇۋاتقان، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشكەن مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. ھەر مىللەت خەلق بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، بىرلىكتە گۈللىنىپ راۋاجلىنىشتىكى ماددىي ئاساس، سىياسىي ئاساس، ئىدىيەۋى ئاساس، ئاممىۋى ئاساس داۋاملىق مۇستەھكەملىنىۋاتىدۇ. ئىشلىرىمىز يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھەمكەملەشتە ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىككە تايىنىشىمىز كېرەك. بۇ، كەسكىن ئۇرۇش، بۇ كەسكىن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتا پارتىيە، پارتىيەلىك كادىرلار ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.

  پارتىيەلىك كادىرلار ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ باشلامچىسى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى، شۇنداقلا ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىدىكى خىزمەت ئىستىلىدا ئۈلگە بولغۇچى، يېتەكلىگۈچى، ئۇلارنىڭ سىياسىيدا كۈچلۈك، ئىستىلدا سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش – بولماسلىقى قوشۇننىڭ ئوبرازىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، خىزمەت ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ، ئىشلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش – بولماسلىقىغا چېتىلىدۇ. ئۈچ يىلدىن بۇيان، پارتىيەلىك كادىرلار ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان تەخىرسىزلىك ئېڭى، ئۈستۈنلۈك تالىشىدىغان مەسئۇلىيەت ئېڭى، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان بۇرچ ئېڭى بىلەن ئۆزگىرىش ياساپ، ئىسلاھ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە دادىل ئېلىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ‹‹بەش باشتىن – ئاخىر بولۇش›› تەلىپىدىن ئېغىشماي، GDPنىڭ ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشى، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىشى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشتەك خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى، ئىقتىساد تېز راۋاجلاندى، خەلق تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولدى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولدى. بىراق تارىخىي، تەبىئىي، ئىجتىمائىي قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى ئامىللارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن شىنجاڭ ئىقتىسادى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايون بولۇپ، ئىچكىرىدىكى تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا پەرق زور، قىسمەن ئاممىنىڭ تۇرمۇشى يەنىلا نىسبەتەن قىيىن، مىللەت، دىن جەھەتتە بەزى يېڭى مۇرەككەپ ئامىللار پەيدا بولماقتا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ۋەزىپە ناھايىتى جاپالىق ھەم ئېغىر.

  يولداش دېڭ شياۋپىڭ مۇنداق دېگەن: ‹‹دۇنيادىكى ئىشلار ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن››، ‹‹ئىشلىمىسەك، ئازراق ماركسىزممۇ بولمايدۇ››. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار پۇرسەت ئېڭى، ئىستراتېگىيە ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئېغىشماي، خەلققە يېقىندىن تايىنىپ ۋە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سۇبيېكتىپلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن قۇرۇلۇش قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەپ، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قولدا چىڭ تۇتۇشتىن تەۋرەنمەي، ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن قورقماي، ھەرقانداق ئازدۇرۇشنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىماي، ‹‹بەش كۆرۈنەرلىك بولۇش، بىرگە كاپالەتلىك قىلىش›› نىشانىنى كۆزلەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە مىنۇت – سېكونتنى قولدىن بەرمەي، ئەمەلىي ئىشلەپ، 22 مىليون ھەر مىللەت پەرزەنتى تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا جەزمەن مۆجىزە يارىتالايدۇ.

  سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن سۆيۈش، ھەر مىللەت خەلققە مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى كۈچەيتىشنىڭ ئېھتىياجى

  يولداش جياڭ زېمىن مۇنداق دېگەن: ‹‹سىياسىي دېگەن نېمە؟ تۈپتىن ئېيتقاندا، سىياسىي مەسىلە ئاساسلىقى ئاممىغا تۇتقان پوزىتسىيە مەسىلىسى، ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسى››. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي مەيدان، سىياسىي قاراش، سىياسىي ئىنتىزامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەر قايسىسىنىڭ ئوخشاشمايدىغان كونكرېت مەزمۇنى بولسىمۇ، ھەممىسى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى بىلەن زىچ باغلانغان. شىنجاڭدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇش – بولماسلىقنىڭ ئاچقۇچى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش سىياسىي مەيدانىنىڭ مۇستەھكەم بولۇش – بولماسلىقى، ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن سۆيۈش، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش سىياسىي پوزىتسىيەسىنىڭ ئېنىق بولۇش – بولماسلىقى، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇش، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئېڭىنىڭ كۈچلۈك بولۇش – بولماسلىقىدا.

  سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۋال مۇستەھكەم سىياسىي مەيدان بولۇشى كېرەك. مۇستەھكەم سىياسىي مەيدان ماركسىزمنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا قويغان ئەڭ ئاساسىي تەلەپلىرىنىڭ بىرى. 1981 – يىلى يولداش دېڭ شياۋپىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتكەن: ‹‹شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ئومۇمىيەت، شىنجاڭ جەزمەن مۇقىم بولۇشى كېرەك، مۇقىم بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ››. مۇقىملىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، ئەڭ زور خەلق تۇرمۇشى، ھەر مىللەت خەلقنى سۆيۈش ئۈچۈن سەگەك سىياسىي كاللا ۋە تەۋرەنمەس سىياسىي مەيداننى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۈپتىن ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى ئىكەنلىكىنى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆزئارا ئايرىلالماسلىقتەك ئۆزئارا ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدىغۇچىلاردىن بولۇپ، ‹‹ئىشچى – دېھقانلارنى ئويغىتىپ››، يولداش ماۋزېدۇڭ ئىلگىرى مەركىزىي سوۋېت رايونىدا ئۈمىد قىلغاندەك ‹‹ھەقىقىي پولات قورغان›› شەكىللەندۈرۈش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك.

  سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈشتە روشەن سىياسىي پوزىتسىيە بولۇشى كېرەك. پوزىتسىيە چوڭقۇرلۇقنى بەلگىلەيدۇ. ئۆزىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، روشەن سىياسىي پوزىتسىيە ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن سۆيۈشىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى بەلگىلەيدۇ. يولداش ماۋ زېدۇڭ: ‹‹ئىنقىلابىي ئۇرۇش ئاممىنىڭ ئۇرۇشى، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلغاندىلا ئۇرۇش قىلغىلى، ئاممىغا تايانغاندىلا ئۇرۇش قىلغىلى بولىدۇ›› دېگەن. شىنجاڭدا ئىلمىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشنىڭ سۇبيېكتى خەلق، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ساقلاش، ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا خەلققە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم ۋە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈنمۇ خەلققە يېقىندىن تايىنىش زۆرۈر. بىز ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى، ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن سۆيۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنى كۆڭلىمىزگە پۈككەندىلا، ئاممىمۇ بىزنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ؛ ھەر مىللەت ئاممىنى قېرىندىشىمىزدەك كۆرگەندىلا، ھەر مىللەت ئاممىمۇ بىزنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرىدۇ. ئاممىغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى خەلققە پايدىلىق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش – بولماسلىقىدىن خىزمەت ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ، نىشانىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز، ياخشىلىشىمىز لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاممىۋى لۇشيەندىن ئېغىشماسلىقنى مۇستەھكەم ئىدىيەۋى ئاساسقا، كۈچ ئاساسىغا ئىگە قىلالايمىز.

  سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈشتە كۈچلۈك ئاساسىي مەقسەت ئېڭى بولۇشى كېرەك. ئاممىۋى قاراش ماركسىزمنىڭ تۈپ قارىشى، پارتىيەمىزنىڭ ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيەسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ئاممىۋى لۇشەندە چىڭ تۇرۇشتا ئەڭ مۇھىم مەسىلە پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئېغىشماسلىق تۈپ مەقسىتىدە باشتىن – ئاخىر تەۋرەنمەسلىك بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشتە، دېدى. ھەر بىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ پارتىيەۋىلىكىنىڭ كۈچلۈك بولۇش – بولماسلىقى، ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇش – تۇرالماسلىقىدا ئۇنىڭ پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرغان – تۇرمىغانلىقى، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان – ئاشۇرمىغانلىقى ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ. بۇمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئامما بىلەن قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش، بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى. ماركس چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: ‹‹ئامما كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن ھەممە نەرسە ئۇنىڭ مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك›› دېگەن. پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۆزىنىڭ كۈرەش نىشانى قىلىشى، ‹‹خۇددى شەيخلەر ئامىتابانى زىكرى قىلغاندەك، دائىم ئاممىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلاش، مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن ئاۋۋال كۆپچىلىكنى، ئاممىنى ئويلاش كېرەك›› (ماۋزېدۇڭ:‹‹جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي بازىسىدىكى ئىقتىسادىي كۈرەش››)، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تىرىشىپ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشنى خىزمىتىمىزنىڭ دەستۇرى ۋە ئارزۇسى قىلىپ، ئامما جىددىي ئىھتىياجلىق ئىشلارنى، ئاممىغا نەپ تېگىدىغان ئىشلارنى، ئامما قارشى ئالىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى بىلەن ئاممىنى قولغا كەلتۈرۈپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، پۇختا ھەرىكىتىمىز بىلەن خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى، بەختىنى كۆزلىشىمىز كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل