باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت سىرتىكىدى پارتىيەلىرى ئاسو تارونىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى(2)

2013.08.14 15:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوڭ قانات رادىكال كۈچلىرىنىڭ ياپونىيە سىياسىي سەھنىسىدە كۈنسايىن كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخى ۋە ئۇرۇش جىنايىتىگە بولغان پوزىتسىيەسى خۇنۇكلۈكتىن بىراقلا ئوچۇق ئىنكار قىلىشقا ئۆزگەردى، ئۇلارنىڭ فاشىستلار ۋە مىللىتارىزمچى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىگە بولغان پوزىتسىيەسى يوشۇرۇن زوقلىنىشتىن ئاشكارا چوقۇنۇش ۋە دوراشقا ئۆزگەردى. كىشىنى تېخىمۇ ئەنسىرىتىدىغىنى، تەپتارتماي بىلجىرلاپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ياپونىيەدىكى ھەققانىيلىق ۋە ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ تۆۋەن چېكىگە ئۈزلۈكسىز خىرىس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياپونىيە ئوڭ قانات رادىكال كۈچلىرى سىياسىي نىشانىنى ياپونىيەنىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدىكى ھازىرقى يۈرگۈزىلىۋاتقان ئاساسىي قانۇننى ئورنىتىشقا مەركەزلەشتۈردى. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئابې شىنزو ۋە ئۇنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بىر پارتىيە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىدىغان ئەۋزەل ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش ۋە كوللېكتىپ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا تىنچ ھالدا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتەك سىياسىي مەقسىتى ئاشكارىلاندى، بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، لېكىن ياپونىيەدىكى بۇنى بايقۇت قىلالايدىغان ۋە چەكلىيەلەيدىغان كۈچلەر ئاجىزلىدى.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، ياپونىيەدىكى قىسمەن سىياسىي تەھلىلچىلەر ئوبرازلىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۇرغۇن پاراخوتلار ئېقىننى تالىشىپ كەلگەن تارىخىي ئۇزۇن دەريادا، ئابې شىنزو، ئاسو تارولار قوماندانلىقىدىكى پاراخوتلار كۆرۈنەرلىك ئوڭغا قايدى، ئەگەر بۇ داۋاملىشىۋەرسە، ياكى جايىدا چۆگىلەش، ياكى قىرغاقتا توختاپ قېلىشتەك ئىككى خىل نەتىجە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل