- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئېلىمىز فىجى بىلەن مەدەنىيەت ھەمكارلىقى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى
2013.08.14 16:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مەدەنىيەت مىنىستىرىمىز سەي ۋۇ 12 – ئاۋغۇست ئۆمەك باشلاپ فىجىدا زىيارەتتە بولغاندا، فىجى مەدەنىيەت – سەنئەت مىنىسىتىرى بولې بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئۇلار ‹‹جۇڭگو – فىجى مەدەنىيەت ھەمكارلىقى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى››نى ئىمزالىدى.
سەي ۋۇ بىلەن بولې فىجىدا جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇش، ‹‹شادلىققا چۆمگەن چاغان›› پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، ئىككى دۆلەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ساھەسىدە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
بۇ مەدەنىيەت مىنىستىرىمىزنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتتە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. ‹‹جۇڭگو – فىجى مەدەنىيەت ھەمكارلىقى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى›› ئېلىمىز بىلەن تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسى تارىخىدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھۆججەت بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل