خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست لخاسادىن بەرگەن خەۋىرى: 12-ئاۋغۇست كەچ سائەت 8دە، «قېتىق بايرىمى كېچىسى» ناملىق چوڭ تىپتىكى كونسېرتنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. رەڭدار نومۇرلار ئورۇندىلىپ، بىر ھەپتە داۋاملاشقان 2013-يىللىق قېتىق بايرىمى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.
بۇ يىللىق قېتىق بايرىمىنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، تۈرلۈك نومۇرلار كىشىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلدى. 6-ئاۋغۇست بۇددالا سارىيى مەيدانىدا خۇشال كۈلكە سادالىرى ياڭرىدى، ھەر خىل ساليوتلار ئېتىلىپ، «گۈزەل ماكان، بەختلىك لخاسا» تېمىسىدىكى 2013-يىللىق جۇڭگو لخاسا قېتىق بايرىمى كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. (جاشى، خەن جۈنجيې خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)