باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون بۇ يىل 13 مىڭدىن ئارتۇق يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىق تەربىيەلەيدۇ

2013.08.14 16:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ شىنيۈنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش خىزمىتى ئىيۇلدا باشلانغان بولۇپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانى، كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش پىلانى، ياشلارنى تېخنىكا ئىقتىدارى، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەش پىلانى، تېخنىكا ئۇستىلىرى ۋە تېخنىكا باشلامچىلىرىنى مەخسۇس تېخنىكا بويىچە سىستېمىلىق تەربىيەلەش پىلانىدىن ئىبارەت تۆت تەربىيەلەش تۈرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق 13 مىڭدىن كۆپرەك يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىق كىشى تەربىيەلىنىدىكەن، ھەر بىر كىشى ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدىكەن. ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 – يىللىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى يولغا قويۇش چارىسى››غا ئاساسەن، بۇ قېتىملىق تەربىيەلەشتە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق كەسىپلەر، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، ئىختىساسلىقلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق، ئىختىساسلىقلار قىس ساھەلەر ئۈچۈن ئالىي تېخنىكا ئىشچىسى، تېخنىك ۋە ئالىي تېخنىك قاتارلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

  تەربىيەلەش ئوبيېكتلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، كۆمۈر ئېلېكتىر – كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇش، بىناكارلىق، ئاپتوموبىل، جابدۇقچىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك، بىيودورا، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتى، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش قاتارلىق نۇقتىلىق كەسپىي كارخانىلارنىڭ 1 – سېپىدىكى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا تايانچلىرى ياكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ كارخانىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلارغا چېتىلىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن تەربىيەلەش تۈرىگە ئاساسەن تەربىيەلەش ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان بولۇپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش تۈرىدە يىلدا 10 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەش پىلانلانغان، ياردەم پۇل ئۆلچىمى ئالىي تېخنىك ئىشچى بويىچە تەربىيەلىنىدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ يىلدا 1000 يۈەن، تېخنىك بويىچە تەربىيەلىنىدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ يىلدا 1200 يۈەن، ئالىي تېخنىك بويىچە تەربىيەلىنىدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ يىلدا 1500 يۈەن بولىدىكەن؛ كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش تۈرىدە يىلدا 2000 كىشىنى تەربىيەلەش پىلانلانغان بولۇپ، ھەر بىر كىشىگە 500 يۈەن؛ ياشلارنى تېخنىكا ئىقتىدارى، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەش تۈرىدە يىلدا 1250 كىشىنى تەربىيەلەش پىلانلانغان بولۇپ، ھەر بىر كىشىگە 4000 يۈەن؛ تېخنىكا ئۇستىلىرى ۋە تېخنىكا باشلامچىلىرىنى مەخسۇس تېخنىكا بويىچە سىستېمىلىق تەربىيەلەش تۈرىدە يىلدا 50 كىشىنى تەربىيەلەش پىلانلانغان بولۇپ، ھەر بىر كىشىگە 20 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى ئۈستىگە ئالغان تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى، كارخانا يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش بازىلىرى، تېخنىكا ئۇستىسى ئىشخانىلىرى تەربىيەلەش پىلانىنى 30 – ئاۋغۇستتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ شۇ يىللىق تەربىيەلەش پىلانىغا كىرگۈزۈشى ئۈچۈن يوللىشى كېرەك، پىلانغا كىرمىگەنلەرگە ياردەم پۇلى بېرىلمەيدۇ.

  بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش 2014 – يىلى 30 – ئىيۇندىن بۇرۇن تاماملىنىدۇ. كۇرسانتلار تەربىيەلىنىپ بولغاندىن كېيىن، تەربىيەلىگۈچى ئورۇن ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىدۇ. تەپسىلاتىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تور بېكىتى (.cn www.xjrs.gov//:http)دىن تەكشۈرۈڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل