باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش تارماق ھەشەمەتچىلىكنى توسۇشنى تەلەپ قىلدى

2013.08.14 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مالىيە مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى، دۆلەتلىك ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى 13-ئاۋغۇست بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇزۇپ چېچىش، ھەشەمەتچىلىكنى توسۇشنى تەلەپ قىلىپ، كېچىلىكلەرنى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرى ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىپ ۋە راۋاجلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز يەنە ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرىدە بايراملىق ئويۇنلارنىڭ بەك كۆپ، قالايمىقان بولۇپ، قاتتىق ھەشەمەت قوغلىشىش، بەك دەبدەبە قىلىش، ئىسراپچىلىق، ھەدەپ بەسلىشىش قاتارلىق ناچار ئەھۋاللارنىڭ ساقلانغانلىقىنىمۇ كۆردۇق. بولۇپمۇ مالىيەدىن چىقىم قىلىپ ياكى سېلىق سېلىپ مەبلەغ يىغىپ كېچىلىك ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئاسانلا ناتوغرا ئىستىللار پەيدا بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزدى، بۇنىڭغا ئاممىنىڭ پىكرى زور بولدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ھەشەمەتچىلىك، بۇزۇپ-چېچىشنى توسۇپ، كېچىلىك ۋە بايراملىق ئويۇنلارنى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، مەركەزنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش ھەققىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەلىم-تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، تۆت ئىستىلنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، دەبدەبە، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىق ئەھۋاللىرىنى كۆرۈنەرلىك توسۇش كېرەك. تېجەشلىك، ئىقتىسادچىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئاددىي-ساددىلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، راھەت-پاراغەتكە قارشى تۇرۇپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، چوڭ ئۆتكۈزۈشكە قارشى تۇرۇپ، چولپانلارنى تەكلىپ قىلىپ، ھەشەمەتچىلىكتە بەسلىشىش، سۆلەتۋازلىق قىلىشنى توسۇش لازىم.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزۈشىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. مالىيە مەبلىغى بىلەن تىجارەت خاراكتېرلىك ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ. مالىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىپ يۇقىرى باھا بىلەن سەنئەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىشقا بولمايدۇ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەبلىغىنى ئىشلىتىپ، يۇقىرى باھا بىلەن چولپانلارنى تەكلىپ قىلىشقا بولمايدۇ، بايراملىق ئويۇنلارنى قالايمىقان قويۇش، يۇقىرى باھا بىلەن چولپانلارنى قالايمىقان تەكلىپ قىلىشتەك ناتوغرا قىلىقلارنى قەتئىي توسۇش لازىم. مالىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىپ تەزىيە بىلدۈرۈش، ساياھەت قىلىش، تارىخ، مەدەنىيەت، ئالاھىدە مەھسۇلات، مەمۇرىي رايون پىلانىنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلۇشقا ئۇل سېلىش ياكى قۇرۇلۇش پۈتۈش قاتارلىقلارنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە پىرىنسىپ جەھەتتىن بولمايدۇ. كارخانىلار بىلەن بىرلىشىش نامىدا ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرى ۋە بايراملىق ئويۇنلارنى ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ. مەمۇرىي ھوقۇقنى ئىشلىتىپ تۆۋەن دەرىجىلىك كەسپىي ئورۇنلار، كارخانىلار ۋە شەخسلەردىن راسخوت يىغىشقا بولمايدۇ. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ھەم ئۇلارغا قاراشلىق ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ يەرلىك بىلەن بىرلىشىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرى ۋە بايراملىق ئويۇنلارنى قويۇشىغا پىرىنسىپ جەھەتتىن بولمايدۇ. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، نەق مەيداندا ئالاھىدە ئويۇن قويۇش، ئاسمانپەلەك باھا قويۇش، ئەپلەپ-سەپلەپ ئويۇن قويۇش، ئاممىنى ئالداشتەك ناتوغرا ئىستىللارنى پاش قىلىش، چوڭ ئۆتكۈزۈلگەن، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىق قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرى ۋە بايراملىق ئويۇنلارنى ئاشكارىلاش كېرەك، تەرتىپ بويىچە تەستىقلاشقا سۇنۇلمىغان ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرى ۋە بايراملىق ئويۇنلارنى ھەر دەرىجىلىك تاراتقۇلارنىڭ كۆرسىتىشى ۋە تەشۋىق قىلىشىغا بولمايدۇ. مەبلەغ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قېلىپلاشقان ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرى ۋە بايراملىق ئويۇنلارنىڭ چىقىم ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، كېچىلىكنىڭ راسخوت، خامچوتىنى چىڭىتىپ، بىھۇدە چىقىملارنى ئازايتىش لازىم. مالىيەگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرى ۋە بايراملىق ئويۇنلارنى قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل