- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
«دۆلەت دەرىجىلىك تەربىيلەش پىلانى» 2013-يىلى شىنجاڭغا 45 مىڭ ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەپ بېرىدۇ
2013.08.13 16:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مۇخبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇتۇش خىزمىتى باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2013-يىللىق «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى دۆلەت دەرىجىلىك تەربىيەلەش پىلانى» غا 57 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 2012-يىلىدىكىدىن 25 مىليون يۈەن ئاشۇرۇلغان. 3 ئايلىق ئىشتىن ئايرىلىپ تەربىيەلەش، 15-20كۈنلۈك قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلەش ۋە يىراق مۇساپىلىك تەربىيەلەش، تەربىيەلەشكە ئەۋەتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايوندىن 45 مىڭ ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەنمەكچى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى