باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەكتەپتە ئۇشتۇمتۇت يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرسە مەكتەپ چوقۇم 48 سائەت ئىچىدە دېلو مەلۇم قىلىشى كېرەك

2013.08.13 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەكتەپ (بالىلار باغچىسى) دە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇيۇقسىز يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، مەكتەپ چوقۇم 48 سائەت ئىچىدە سۇغۇرتا شېركىتىگە مەلۇم قىلىشى لازىم.

  8-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تارقاتقان «مەكتەپ مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى خىزمەت ھالقىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قېلىپلاشتۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تىن بىلىشىچە، ۋاقتىدا مەلۇم قىلماسلىق سەۋەبىدىن نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىشتا كەمتۈكلۈك كۆرۈلۈپ، يامان ئاقىۋەت ۋە تەسىر كېلىپ چىقسا، مەكتەپ تەرەپ تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

  سۇغۇرتا تۆلىمى توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا ئاساسەن، سۇغۇرتا تۆلىمى بىردەك مەكتەپكە تاپشۇرۇلىدۇ، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە ياكى ئائىلە باشلىقىغا تاپشۇرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى