- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
80-يىللاردا تۇغۇلغان ئۇيغۇر يىگىت 9 يىلدا 3 شېركەت قۇردى
2013.08.13 16:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بۇ يىل ليەنشياڭ كومپىيۇتېر مەخسۇس سېتىش دۇكىنىمىز ئىككىنچى پەسىللىك سېتىش ۋەزىپىمىزنى ئاشۇرۇپ تاماملىغانلىقىمىز ئۈچۈن، باش شېركەت مېنى تايلاند ساياھىتى بىلەن مۇكاپاتلىدى». يېقىندا ئەبەيدۇللا ساۋۇر تېلېفوندا مۇخبىرغا خۇشاللىق بىلەن شۇنداق دېدى.
ئەبەيدۇللا «80-يىللار»دا تۇغۇلغان ئۇيغۇر يىگىت، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى 9 يىل ئىچىدە ئۇ ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ بۈگۈر ناھىيەلىك ئالتۇن ئاچقۇچ كەسپىي ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تونۇشتۇرۇش مەركىزى، بۈگۈر ناھىيەلىك ئۆگىنىش كومپىيۇتېر پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت شېركىتى ۋە ئۆگىنىش ليەنشياڭ كومپىيۇتېر مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن ئىبارەت 3 شېركەت ۋە كارخانا قۇرغان.
ئەبەيدۇللا ئىگىلىك تىكلەش يولىدا «بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ، ئەمەلىيەت كىشىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىتۈرىدۇ» دېگەن گەپكە ئىنتايىن ئىشەنگەن. ئۇ ھازىر جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى سىرتتىن ئوقۇش سىنىپىدا قانۇن كەسپىي بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋېتىپتۇ، ئۇ بۈگۈر ناھىيەسىدە قوش تىللىق ئادۋوكاتنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى، كەلگۈسىدە ئادۋوكاتلىق ساھەسىدە تەرەققىي قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى
ئالاقىدار خەۋەرلەر