باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇئاۋىن ۋىلايەت-شەھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئىستېمالى يىلىغا مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن

2013.08.13 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بىيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلاردا قونىدۇ، ئايروپىلاننىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلۈمىدە ئولتۇرىدۇ...

  نۆۋەتتە، بەزى ئاساسىي قاتلام رەھبىرىي كادىرلىرى «ئائىلە باشلىقى تۇرۇپ، ئۇن-گۈرۈچنىڭ قىممەتلىكىدىن قورقماسلىق» ھالىتى بىلەن ۋەزىپە دائىرىسىدە پۇلنى سۇدەك خەجلىمەكتە.

  دائىم رەھبەرلەر بىلەن بىللە كاماندۇرۇپكىغا چىقىدىغان مەلۇم جايدىكى مالىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا دەرت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «رەھبەرلەر كاتتا مېھمانخانىلاردا قونۇش، دېڭىز يۈسۈنى يېيىش، ئالىي دەرىجىلىك سوۋغات ئېلىشقا تولا پۇل خەجلەپ، ئورگاندا قانچىلىك پۇل قالغانلىقى بىلەن كارى بولمايدىغان، پەقەت ئىمزا قويۇپ تالۇن كەستۈرۈشنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالدى. دائىم سىرتقا چىققاندا بىر توقاي پۇلنى ئېلىپ ماڭىمىز، قايتىپ كەلگەندە بىر توقاي تالۇننى كۆتۈرۈپ كېلىمىز.»

  مۇخبىر ئوتتۇرا ۋە شەرقتىكى كۆپ ئۆلكە ۋە شەھەرلەرنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا، بىرمۇ رەھبىرىي كادىر بىر يىللىق ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئىستېمالنىڭ ئېنىق سانىنى ئېيتىپ بىرەلمىگەن، ھەتتا مالىيەنى باشقۇرىدىغان كادىرلارمۇ ئېنىق ئېيتىپ بىرەلمىگەن. مەلۇم بىر نامرات ناھىيەدىكى يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، قول ئاستىدا نەچچە يۈز ئادەمنىڭ بارلىقىنى، ھەر يىلى مائاشتىن سىرت خەجلىنىدىغان پۇلنىڭ نەچچە ئون مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىر خىزمەتچى «رەھبىرىي كادىرلار يەپ-ئېچىشتىن ئەندىشە قىلمايدۇ، ئادەتتىكى خىزمەتچىلەر يەپ-ئېچىشتىن ئەنسىرەيدۇ، بەزىدە ئىش بېجىرىش خىراجىتىنىمۇ كۆتۈرەلمەيدۇ.» دەپ يوشۇرۇن ئىنكاس قىلغان.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جيا كاڭ بەزى مۇئاۋىن ۋىلايەت-شەھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدىكى يىللىق ئىستېمالىنىڭ 400 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىقىنى، بەزى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان ۋىلايەت-شەھەرلەردە مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بۇنىڭ پەقەت ۋەزىپە ئورنىدىكى ئىستېمال سوممىسى ئىكەنلىكىنى، ئادەتتە بۇ خىل مۇئاۋىن دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئاز دېگەندىمۇ پىكاپ، دالا ماشىنىسى، سودا ئىشلىرى ماشىنىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ماشىنىسى بارلىقىنى، يەنە ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى قوشقاندا، رەھبەرلەرنىڭ ماشىنا ئىشلىتىشى ئۈچۈنلا ئىسراپ بولىدىغان پۇلنىڭ ئادەمنى چۆچۆتىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل