باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىسمەن جايلار كادىرلارنى ياشلاشتۇرۇشتا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىگەن

2013.08.13 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كادىرلار 40 ياشتا بىر ياقىغا چىقىدۇ، 50 ياشتا بىكار قالىدۇ دېگەن قاراشلار ئەۋج ئالغان
  پارتىيە ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، كادىر ئىشلىتىشتە بايلىقىغا قاراپ رەتكە تۇرغۇزۇشتەك مۇتەئەسسىپ ئاڭنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، پارتىيەمىز كادىرلار قوشۇنىنى ياشلاشتۇرۇش تەلىپىنى ئېنق ئوتتۇرىغا قويغانىدى، بۇ بۈگۈنگە قەدەر داۋام قىلماقتا. زور تۈركۈمدىكى ياش كادىرلارنىڭ تاللاپ ئىشلىتىلىشى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كادىرلار قېرىلىشىش، ئۈزۈلۈپ قىلىشتەك ھالەتنى ئۆزگەرتتى.

  خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كېلىش بىلەن بىرگە، «راكېتاچە» قائىدىگە خىلاپ ئۆستۈرۈش ئەھۋاللىرى بىر مەزگىلدىن بۇيان پات-پات يۈز بېرىپ تۇردى، تېخى بەزى جايلار ۋە ئورۇنلار رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ياش قۇرۇلما تەلىپىگە يېتىش ئۈچۈن، كادىر تاللاش-ئۆستۈرۈش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتتى ياكى مايسىنى تارتىپ ئۆستۈردى، ھەتتا كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش يېشىنى «قاتلاممۇ-قاتلام تۆۋەنلىتىش»، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» ئارقىلىق، ھەم ئىختىساسلىقلار ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھەم ياش كادىرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە زىيان كەلتۈردى. كادىرلارنى ياشلاشتۇرۇشنى چوقۇم ئىلمىي ئىگىلەش لازىم.

  «ئۆلچەمنى بۇزۇش»، «ئۆلچەم چىقىرىش» مەسىلىلىرىنى مىسالغا ئالساق، بەزى جايلار ۋە ئورۇنلاردا كادىرلارنى ياشلاشتۇرۇشنى بىرتەرەپلىمە ھالدا قوغلىشىش، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ياش قۇرۇلما تەلىپىگە ئاساسەن، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش يېشىنى «قاتلاممۇ-قاتلام تۆۋەنلىتىش» ھەتتا «ھەممنى بىر تاياقتا ھەيدەش» تېخىمۇ ئومۇملىشىپ كەتكەن. بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئارىسىدا، ياش ئۆستۈرۈشنىڭ شەرتى قىلىنغاچقا، «30 ياشتا ئەمەل تۇتىدۇ، 40 ياشتا ياقىغا چىقىدۇ، 50 ياشتا بىكار قالىدۇ» دېگەن قاراشلار مەيدانغا كەلگەن.

  جۇڭگو رەھبەرلىك ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇدىرى جوۋ شىنمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئەمەلىيەتتە، 40، 50 ياشلىق كادىرلار مول خىزمەت تەجرىبىلىرىنى توپلىغان، ئەمەلىي ئىقتىدارىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.» پەقەت ياشتىن ئىبارەت «قاتتىق ئۆلچەم»گىلا ئېسىلىۋېلىپ، نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر كادىرلارنى ئۆسۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلارنى چوقۇم مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم، بولمىغاندا زور مىقداردىكى ئىختىساسلىقلار ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل