- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پايتەخت ئايرودۇرۇمىدىكى پارتلىتىش دېلوسىنىڭ جىنايەت گۇماندارى جى جۇڭشىڭ 8-ئاۋغۇست تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى
2013.08.13 17:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ بۈگۈن چۈشتە بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، پايتەخت ئايرودۇرۇمى ج خ شۆبە ئىدارىسى جى جۇڭشىڭنىڭ پارتلىتىش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن 8-ئاۋغۇست چاۋياڭ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
دېلو ئەسلىمىسى 20-ئىيۇل سائەت 18دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، شەندۇڭلۇق ئەر جى جۇڭشىڭ پايتەخت ئايرودۇرۇمىنىڭ 3-بىناسىدىكى كۈتۈۋېلىش زالىنىڭ B ئېغىزى ئالدىدا ئۆزى ياسىغان پارتلىتىش دورىسىنى پارتلاتقان. دېلو يۈز بەرگەن شۇ كۈنى جى جۇڭشىڭنىڭ سول ئالقىنى يارىلانغاندىن سىرت، باشقا ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. (ياڭ مېڭچېن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمسىى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل