باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

زېمبابۋى ئىرانغا مەخپىي ھالدا ئۇران ئېكىسپورت قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

2013.08.14 16:13        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زېمبابۋى ھۆكۈمەت تەرەپ 11- ئاۋغۇست ئىرانغا ئۇران ئېكىسپورت قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى، ھەمدە يالغان-ياۋىداق خەۋەرلەرنى تارقاتقان مۇخبىرىنى قولغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  زېمبابۋى كان ۋە كان مەھسۇلاتلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شۇ كۈنى شۇ يەردىكى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: زېمبابۋىنىڭ ئۇران كانىنى ئېچىشى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرماقتا، ھۆكۈمەت ئۇران كاننى ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى تارقاتمىدى، شۇڭا ئېكىسپورت قىلىشدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەلىك ئىككى مۇخبىر مەن زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمدىكى ئارزۇلىرىمنى قەستەن بۇرمىلاپ، زېمبابۋىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزدى، زېمبابۋى ساقچى تەرەپ بۇ ئىككى مۇخبىرنى قولغا ئېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چىقاردى.

  تايمىس گېزىتىنىڭ 10- ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە: زېمبابۋى ئۆتكەن يىلى ئىران بىلەن ئۇران ئېكىسپورت قىلىش توغرىسىدا مەخپىي ئەسلەتمە خاتىرىسىنى ئىمزالىغان. خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: بۇ مەخپىي كېلىشىمىنى زېمبابۋى ھۆكۈمىتىدىكى ئاز ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارلا ئۇقىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل