- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
سۇداننىڭ دارفور رايونىدىكى قەبىلىلەرنىڭ توقۇنۇشىدا 100 دىن كۆپرەك كىشى قازا قىلدى
2013.08.14 16:15 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى بىر قەبىلە ئەربابى 11-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: شۇ يەردىكى قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا، نۆۋەتتە 100 دىن كۆپرەك كىشى قازا قىلدى.
بۇ قەبىلە ئەربابى مۇنداق دېدى: سۇداننىڭ دارفۇر ئشتاتىنىڭ ئادېرا رايونىدىكى مالىيالار قەبىلىسى بىلەن رىزىيغاتلار قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدا 10-ئاۋغۇست توقۇنۇش يۈز بەردى. نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 100 دىن كۆپرەك كىشى قازا قىلدى، ئۇندىن باشقا 70 دىن كۆپرەك كىشى يارىلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە بۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي بولماقتا، توقۇنۇشنىڭ ھەر ۋاقىت يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار.
دارفور رايونىدا كۆپلىگەن قەبىلەر بولۇپ، قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا كان رايونى، ئوتلاق ۋە زېمىن تالىشىش قاتارلىقلاردا توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل