- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇق بايلىق فوندى 641 مىليارد دوللارغا يەتكەن
2013.08.14 16:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
خەلقئارا پۇل مۇئامىلە دەرىجە باھالاش ئاپپاراتى ‹‹مۇدى›› يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا: 2012 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇق بايلىق فوندى 240 مىليون رىيال (تەخمىنەن 641 مىليارد دوللار)غا يېتىپ، پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى، دېيىلدى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئىككى يىلدا، خەلقئارادا نېفىتنىڭ باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەن. پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق بايلىق فوندىمۇ كۆپەيگەن. 2007 – يىلىدىكى 1 تىرىليون دوللاردىن 2012 – يىلىدىكى 1.6 تىرىليون دوللارغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئىگىلىك ھوقۇق بايلىق فوندى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %.6 32ىنى ئىگىلىگەن.
پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مىقدارى دۇنيا بويىچە ئومۇمىي مىقدارنىڭ %24.3 ۋە %11ىنى ئىگىلەيدىكەن. نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۆتكەن ئىككى يىلدا نېفىت مىقدارىنى %15.9كۆپەيتكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل