خەلق تورىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئازادلىق ئارمىيە مەلۇم قىسىمى ھاۋا مۇداپىئەسى بىرگادىسىنىڭ كوماندىر-ئەسكەرلىرى خۇنەن ئۆلكىسى شاۋياڭ ناھىيەسى خۇاڭجىڭ يېزىسى لاشۇ كەنتىدىكى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان كەنت ئاھالىلىرىگە سۇ ئەكىلىپ بەردى. كۈز كىرگەندىن كېيىن، جەنۇبتىكى رايونلار بۇ يىلدىكى ئەڭ ئىسسىق ھاۋاغا دۇچ كەلدى. شاۋياڭ ناھىيەسى ياز ۋە كۈز پەسلىدە ئاز كۆرۈلىدىغان قۇرغاقچىلىققا ئۇچراپ، ناھىيەدىكى 130مىڭدىن كۆپرەك ئادەم ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىدە قىينىلىپ قالدى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئائىلىدە قالغان ياشانغانلار ۋە بالىلار بولۇپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىر بولدى. ئۇدا نەچچە كۈندىن بېرى، ئازادلىق ئارمىيە مەلۇم قىسىمى ھاۋا مۇداپىئەسى بېرگادىسىنىڭ 21 نەپەر كوماندىر-ئەسكەرلىرى قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئەسلىھەلىرى ۋە سۇ توشۇش ماشىنىسىدىن ئىككىنى ئېلىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا قارىماي ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان خۇاڭجىڭ يېزىسى، لىجياپىڭ بازىرىغا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بېرىپ، خەلققە ئىچىملىك سۇ ئاپىرىپ بەردى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە سۇ مەنبەسى تېپىپ بېرىپ، قۇدۇق قېزىشىغا ياردەملەشتى. ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق ئازادلىق ئارمىيەنىڭ قۇتقۇزۇش سۈيى ئېلىپ كەلگىنىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.