باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

كېلەر يىلى كۈزدىن باشلاپ ئاسپىرانتلار دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىلىنەلەيدۇ

2013.08.13 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مالىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئاسپىرانتلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» ۋە «ئاسپىرانتلارنىڭ دۆلەت ياردەم پۇلىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2014-يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، ئاسپىرانتلارنىڭ ئادەتتىكى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئاسپىرانتلارنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قىلىپ تەڭشىدى ھەمدە ئاسپىرانتلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلدى. «ئاسپىرانتلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»گە ئاساسەن، مەركەز مالىيەسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئاسپىرانتلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەغكە قارىتا، ھەربىر دوكتۇر ئاسپىرانتقا يىلىغا 10000 يۈەن، ھەربىر ماگىستىر ئاسپىرانتقا يىلىغا 8000 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ھەمدە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇئەييەن نىسبىتى بويىچە ياردەم بېرىپ، ئېھتىياجلىق مەبلەغنى خامچوت باشقۇرۇش رەسمىيىتى بويىچە تارماقلارنىڭ خامچوتىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى. (مۇخبىر لى لىخۇي، جاۋ ئېنا؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل