- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بېيجىڭدا بىر پروفېسسور 6 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بىنانىڭ ئۆگزىسىگە بىر داچا سالغان
2013.08.13 17:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى بەيشىچياۋ يولى 45-نومۇر، رېنجىشەنجۇاڭ رايونى B بىنانىڭ چوققىسىدىكى بالىخانىغا ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنا سېلىنغان، بىنا تېمى تاشسىمان سترېئولۇق قاپ بىلەن ئورالغان، قاپنىڭ ئۈستىگە يەنە گۈل ۋە ئوت-چۆپلەر تېرىلغان. بۇ قۇرۇلۇشنى سالغۇچى ئەڭ يۇقىرى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغان ئائىلىلىك بولۇپ، قۇرۇلۇش جەريانىدا بالىخانىدىكى تۇرۇبا ئېغىزى يېرىلىپ كەتكەنلىكتىن، يامغۇر سۈيى كىرىپ كېتىپ، نۇرغۇن ئاھالىنىڭ ئۆيىگە سۇ ئۆتۈپ كەتكەن. 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئولتۇراق رايون خوجىلىق خىزمەتچىلىرى بۇنىڭ ئولتۇراق رايوندىكى چوڭ مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆي ئىگىسى بىلەن سۆزلىشىپ، قانۇنسىز سېلىنغان قۇرۇلۇشنى مەجبۇرىي چېقىش رەسمىيىتىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى